Uyghur主要词典
ۋەخپە
دۇنيا تارىخى
دىنىي جامائەت مۈلكى دېگەن مەنىدە. ئىسلام دۆلەتلىرى ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتكە ئىئانە قىلغان يەر ۋە باشقامال - مۈلۈكلىرى. دەسلەپكى خەلىپە ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىلا بارلىققا كەلگەن. كېيىن ئىسلام دىنى دۆلەتلىرىدە ۋاسا ئەۋج ئالغان. ۋەخپە مەسچىت مۈلكى ۋە دىنىي مەبلەغ سۈپىتىدە، ئاساسەن، دىن، خەير ئېھسان، مائارىپ قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىنىدۇ. ئۆتۈنۈپ بېرىشكە، گۆرۈگە قويۇش ياكى ئېلىپ - سېتىشقا بولمايدۇ ھەمدە مۈلۈك بېجىدىن خالاس قىلىنىدۇ.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <ساقلاپ قېلىش>، <تۇتۇپ قېلىش>، <قالدۇرۇپ قويۇش> دىگەنلىك بولىدۇ. بۇ شەرىئەت ئاتالغۇسى بولۇپ، ئاللانىڭ دۇنيادىكى ھەممە بايلىقلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى <ساقلاپ قېلىش> نى ياكى بىر قىسىم يەر، ئىگىلىكنى <قالدۇرۇپ قويۇپ>، <تەڭرى يولى> نى جارى قىلدۇرىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى دەسلەپكى چاغلاردىكى ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاللا بەرگەن بايلىقىنىڭ بىر قىسمىنى ئاللاغا <قايتۇرۇپ بەرگەن> دە كىشىلەر شەرىئەتكە مۇۋاپىق بايلىققا ئىگە بولالايدۇ ۋە ئۇ بايلىقتىن پايدىلىنالايدۇ، دەپ قارايدىغان بايلىق چۈشەنچىسىدىن كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن يەر ۋە ئىگىلىكتىن پايدىلىنىش ھوقۇقى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقى بولمىغان ئالاھىدە شەكىلدىكى مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى شەكىللەنگەن. مانا بۇ ۋەخپە تۈزۈمى دەپ ئاتالدى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن - قائىدىلەر ۋەخپە قانۇنى دەپ ئاتالدى. ۋەخپە ئىستىسلاھ ۋەخپىسى ۋە ئائىلە ۋەخپىسىگە ئايرىلىدۇ. شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا <ھەبىس> ياكى <ھۇبۇس> دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئى. مۈلۈك ئىگىسى تەرىپىدىن مەسچىت، مەدرىسە، مازارلارنىڭ ئىختىيارىغا تەقدىم قىلىنغان مۈلۈك (يەر، سۇ، مال - چارۋا قاتارلىقلار).
بۇ يۇرتنىڭ زاراخەتمىسىدە، مەيلى ئۇ مازار ۋەخپىسىنىڭ كىرىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلسۇن ياكى باي، نامراتلارنىڭ نامىدا ئۆتكۈزۈلسۇن، ئۇماچلا ئېتىلەتتى.
سۈپ. مۈلۈك ئىگىسى تەرىپىدىن مەسچىت، مەدرىسە، مازارلارنىڭ ئىختىيارىغا تەقدىم قىلىنغان.
ۋەخپە يەر.