Uyghur←Chinese主要词典
ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
爱国协会
ài guó xié huì
رۇمىنىيىنىڭ مولدوۋا ئۆلكىسىدىكى مەخپىي ئىنقىلابىي تەشكىلات. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا ئىلغار زىيالىيلاردىن مالىنېسكۇ (1817 - 1866)، كۇزا قاتارلىقلار قۇرغان. باش شتابى ۋاسلۇئىدا قۇرۇلغان، شۆبىلىرى مولدوۋانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە تارالغان. گرىتسوگ سىتوردزا (1821 - 1901) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، قانۇن جەھەتتىكى باراۋەرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش، قۇللارنى ئازاد قىلىش، جاڭزا بېجىنى بەلگىلەشنى مەقسەت قىلغان. قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلانلىغان، سىتوردزا تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، بىر قىسىم ئەزالىرى قولغا ئېلىنغان، قالغانلىرى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن.