Uyghur←Chinese主要词典
ۋەتەن فرونتى پروگراممىسى
دۇنيا تارىخى
祖国阵线纲领
zǔ guó zhèn xiàn gāng lǐng
بۇلغارىيە بىرلىك سەپ تەشكىلاتى ۋەتەن فرونتىنىڭ جاھانگىرلىككە، فاشىزمغا قارشى دېموكراتىك پروگراممىسى. 1942 - يىلى يازدا بۇلغارىيە كومپارتىيىسىنىڭ چەت ئەلدىكى ئىش باشقۇرۇش ئورنى دېمىتروۋنىڭ رەھبەرلىكىدە بەلگىلەنگەن. پروگراممىدا: بۇلغارىيە بىلەن ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ ئىتتىپاقىنى بىكار قىلىپ، <ئۈچ دۆلەت ئەھدىنامىسى> دىن چېكىنىپ چىقىش؛ بۇلغارىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى چەكلەپ، سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقى ۋە باشقا تىنچلىقپەرۋەر مىللەتلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ھەمدە دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش؛ ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىندىن گېرمانىيە فاشىست تاجاۋۇزچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، بارلىق فاشىستىك تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىش؛ فاشىست جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالاپ، خەلقنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ گېرمانىيىگە ئاشلىق ۋە خام ئەشيا چىقىرىشنى توختىتىپ، دۆلەت بايلىقىنى چەت ئەللىكلەرنى ئىگىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش، خەلقنىڭ ئاشلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە دۆلەت ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا شەرت - شارائىت يارىتىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن. پروگرامما خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ فاشىستىك مونارخىيىلىك دىكتاتۇرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش، ۋەتەن فرونتى ھۆكۈمىتىنى بەرپا قىلىشقا ئىدىيىۋى ئاساس ياراتقان.