Uyghur主要词典
ۋەسساللار مەھەللىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
« ۋەسساللار كوچىسى »، « ۋەسساللار بازىرى »، « ۋەسساللار جامائەسى » مۇ دېيىلىپ، تاڭ، سۇڭ، سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئەرەب، پرسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مۇھاجىرلىرىنىڭ جۇڭگودا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ۋەسساللار كوچىلىرىدا مۇسۇلمانلار ئاساس قىلىنغان. بۇ كوچىلارغا ۋەسساللار ئاقساقاللىرى قويۇلغان. بۇ ئاقساقاللار جۇڭگو يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىشى بىلەن جامائەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، سىرتتىن سودىگەر جەلپ قىلغاندىن باشقا، دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلغان، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى تالاش _ تارتىشلارغا ھۆكۈم چىقىرىپ، شەيخ، قازىنىڭ رولىنى ئوينىغان. بۇ مۇسۇلمانلار كېيىن جۇڭگودا بالا _ چاقىلىق بولۇپ، مەسچىت جامائىتى بولۇپ شەكىللەنگەن.