Uyghur主要词典
ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلغۇچى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شەرىئەتتە قوللىنىلىدىغان سۆز بولۇپ، شەرىئەت مىراسنى باشقۇرۇش ۋە ۋەسىيەتنى ئىجرا قىلىش لاياقىتىگە ئىگە دەپ ئېتىراپ قىلغان ئادەمنى كۆرسىتىدۇ. شەرىئەتتە بۇ ھەقتە ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان، ئادەت بويىچە ۋەسىيەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى دۆلەت باشقۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا دۆلەت نازارەت قىلىدۇ. بۇ ۋەزىپىنى قازى ئورۇندايدۇ. ئادەتتە تالاش - تارتىش بولغاندا قازى ھۆكۈم چىقىرىدۇ.