Uyghur主要词典
ۋەج
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
سەۋەب، باھانە.
سېنىڭ بۇ ۋەجلىرىڭ ئۆتمەيدۇ. * ۋەج كۆرسەتمەيلا قوي، ئەھۋال بىزگە مەلۇم.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پۇل - مال.
ۋەجىڭگە بېقىپ، خەجىڭ بولسۇن (ماقال).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۈچۈن ئامىل، ئاساس بولغان باشقا بىر ئىش - ھەرىكەت.
سەۋەبىنى ئاتىدىن ئىزدە، نۇقساننى بالىدىن. سەۋەب بولمىسا، نەتىجە بولماس. نېمە ۋەجىدىن ئاتا - ئاناڭدىن خەۋەر ئالمايسەن؟ ئۆتكەن يىلى باققاللىقتىن زىيان تارتتىم، شۇ بائىستىن بۇ ئىشقا ھەپسىلەم يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
سەۋەب، مۇددىئا، مەقسەت؛ باھانە.
ۋەج كۆرسەتمەك.
مال - مۈلۈك، دەپىنە - دۇنيا.
ۋەجىڭگە بېقىپ خەجىڭ بولسۇن (ماقال).