Uyghur主要词典
ۋەيران بولماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
خاراب ولماق، بۇزۇلماق؛ جاپا كۆرمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بۇزۇلماق.
بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە يۈزلىگەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرى بىر تۇتاش ۋەيران بولۇپ كەتتى.
پۈتۈن مال - مۈلكىدىن ئايرىلماق، سولماق.
ۋەيران بولغان سودىگەر. ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك.
مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىماق.
ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ۋەيران بولۇپ بەدەر قاچتى.
خورلۇق تارتماق، خورلانماق.
مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ ۋەيران بولغان قەلبىمنىلا ئېلىپ بارالايمەن.