Uyghur主要词典
ۋەھشىي پارلامېنت
دۇنيا تارىخى
1514 - يىلى ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرى گېئورگىي دوزسا قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن بۇدا شەھىرىدە چاقىرغان پارلامېنت. ئۇ ماقۇللىغان دېھقانلارغا ئائىت پەرمان ئىنتايىن ۋەھشىي، دەھشەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. پەرماندا: دېھقانلارنىڭ خالىغانچە كۆچۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ؛ خوجىدارلار دېھقانلارنىڭ باج ۋە مېھنەت سېلىقىنى توسالغۇسىز كۆپەيتىشكە بولىدۇ؛ دېھقانلارنىڭ قورال تۇتۇشى مەنئىي قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.