Uyghur主要词典
ۋەھىي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەۋەر، يوليورۇق. ئاللانىڭ.
بىئولوگىيە
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللادىن قوبۇل قىلغان ۋەھىيسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <(ئۇلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىرەر مۆجىزىنى كەلتۈرمىسەڭ، ئۇنى نېمىشقا (ئۆزۈڭ) ئىجاد قىلمىدىڭ؟ دېيىشىدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇلارغا ئېيتقىنكى، >(ئىش مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) مەن پەقەت پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغاندىلا ئەمەل قىلىمەن. (ئۆزلۈكۈمدىن مۆجىزە يارىتالمايمەن)، بۇ (قۇرئاندا سىلەرگە) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن دەلىللەردۇر. (قۇرئان باشقا مۆجىزىلەرگە ئېھتىياق قالدۇرمايدۇ)، ئىمان ئېيتقان قوۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر...<> (7 - سۈرىنىڭ 203 - ئايىتى). ۋەھىي مۇنداق ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ: (1) ۋاسىتىسىز ۋەھىي بولۇپ، رەسۇلىللاھنىڭ چۈشىدە كۆرۈشىدۇر. <ئاللا (پارچە نۇقساندىن) پاكتۇر. ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كىچىدە مەسچىدى ھەرامدىن ئەتراپنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسچىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى. ھەقىقەتەن ئاللا ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر> (17 - سۈرىنىڭ 1 - ئايىتى)؛ (2) توسۇقلۇق (مەسىلەن، ئوتنىڭ يېنى) دىكى ۋەھىي. مۇساغا ئوتنىڭ يېنىدا ۋەھىي كەلدى (27 - سۈرىنىڭ 7 -، 8 -، 9 - ئايەتلىرىگە قاراڭ)؛ (3) مالائىكەنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نازىل بولغان ۋەھىي. <شۈبھىسىزكى، قۇرئان ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇشۇش ئۈچۈن، ئىشەنچلىك جىبرىئىل ئۇنى سېنىڭ قەلبىڭگە ئېلىپ چۈشتى> (26 - سۈرىنىڭ 192 -، 193 - ئايەتلىرى). ۋەھىيلەر ئاۋازلىق ۋە بېشارەتلىككە ئايرىلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشىچە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپ: <ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن> دېگەن ۋەھىي كەلگەن (96 - سۈرىنىڭ 1 - ئايىتى). <قۇرئان كەرىم> دە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام <پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر> دېيىلگەن (33 - سۈرىنىڭ 40 - ئايىتىدىن). شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ۋەھىي ئۈزۈلۈپ قالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
دىنىي چۈشەنچىدە خۇدا تەرىپىدىن جەبرائىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق پەيغەمبەرلەرگە كەلگەن خەۋەر، بۇيرۇق ۋە شۇ قاتارلىقلار.
ھېسامىدىن داموللا <قۇرئان كەلىمىسى>، <ئاللادىن كەلگەن ۋەھىي> دەپ تۇرۇپ ئۇزاق سۆزلىدى.