Uyghur主要词典
ۋەدە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆز ئىختىيارىي بىلەن ئۈستىگە قالغان مەجبۇرىيەت.
<گەپ>، <سۆز>، <لەۋزە> لەر كۆچمە مەنىدىلا <ۋەدە> گە مەنىداش بولىدۇ.
<بەرمەك>، <ئەيلىمەك>، <قىلماق> لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
قۇرۇق ۋەدە قوڭالتاق كەش. ئىككىگە ۋەدە قىلغاندىن بىرنى بەرگەن تۈزۈك. بېرىپسەن ۋەدە، ئەلۋەتتە ۋاپا قىل، ۋاپاسىزلىقنى قەلبىڭدىن جۇدا قىل. پەيمان ئەيلىمەك؛ پەيمان قىلماق. ئەھدىسىدە تۇرمىغان يولدىن ئازار. ئەھدىسىدە تۇرماسلىق كېسەلنىڭ يامىنى. ئەھدۇپەيمانىڭنى ئۇنتۇما. نامەرد گېپىدە تۇرماس. گېپىدە تۇرمىغاندا ئىشەنچ يوق. ئۆزۈڭ سۆزۈڭدە تۇرمىساڭ، ئۆزگىلەرمۇ سۆزىدە تۇرماس. سۆز بەرگەن يۈز بەرمەس، يول كۆرسەتكەن ئوزۇق. لەۋزە قىلغان ئىكەنسەن، لەۋزىڭدىن يانما. لەۋزىدە تۇرۇش ئىنسانىي خىسلەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن دېيىلگەن قەتئىي سۆز، لەۋز.
ئەتىسى بامدات نامىزىدىن كېيىن، ھاجى ئىشان ۋەدە بويىچە رابى ۋىت - ۋىتنى ھىسامىدىن داموللىنىڭ ئالدىغا باشلاپ ئەكىردى.