Uyghur←Chinese主要词典
ۋېبېر - فېچنېر قانۇنى
پسىخولوگىيە
韦佰-费希纳定律
wéi bǎi-fèi xī nà dìng lǜ
بۇ ئەسلىدە فېچنېر قانۇنى بولۇپ، ۋېبېر قانۇنى ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەنلىكتىن، فېچنېر كەمتەرلىك قىلىپ ۋېبېر قانۇنى دەپ ئاتىغان، كېيىن كىشىلەر بۇنى ۋېبېر _ فېچنېر قانۇنى دەپ ئاتىغان. ۋېبېر قانۇنىنىڭ فورمۇلىسى K=△1/1 ، فېچنېر قانۇنىنىڭ فورمۇلىسى S( S=K㏒R سەزگۈ مىقدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، K تۇراقلىق سان، R غىدىقلاش سانى). ئىككىسىنىڭ پەرقى سەزگۈ كۈچى بىلەن غىدىقلاش (تەسىر) كۈچىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتى ئاددىي كەسىردىن لوگارىفمىغا ئۆزگەرتىلىپ، ھېسابلاشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرغانلىقىدىلا ئەمەس. بەلكى ۋېبېرنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى «ئەڭ كىچىك سەزگۈ پەرقى» بولۇپ، فېچنېرنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى ماددىي دۇنيا بىلەن روھىي دۇنيا ئارىسىدىكى سانلىق مۇناسىۋەت بولغانلىقىدا. فېچنېر قانۇنىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى شۇكى، ئۇ پسىخىكىنى ئۆلچەشنىڭ يولىنى ئاچتى. گەرچە يۇقىرىقىدەك پەرقلەر بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىسىلا سەزگۈ چېكى پەرقىنىڭ قانۇنىنى تەتقىق قىلدى. فېچنېر قانۇنى ۋېبېر قانۇنىنىڭ كېڭەيتىلىشىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋېبېر - فېچنېر قانۇنى دېيىلىشى كېرەك.