Uyghur主要词典
ۋاتسۇجى تېتىسوئو
دۇنيا تارىخى
(1889 - 1960) ياپونىيىلىك پەيلاسوپ. ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى. خىيوگو ناھىيىسىدىكى فۇكۇزاكى ئايمىقىدا تۇغۇلغان. توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ياپونىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، سىياسىي - قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، كىيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1934 - يىلىدىن باشلاپ توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1949 - يىلى ياپونىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1955 - يىلى مەدەنىيەت ئوردېنىغا ئېرىشكەن. 1960 - يىلى ياپونىيە ئېتىكا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان. مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئېتىكىنى مەخسۇس تەتقىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ياپونىيە روھى تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات>، <ئىپتىدائىي خرىستىئان مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەھمىيىتى>، <ئىپتىدائىي بۇددا دىنىنىڭ ئەمەلىيەت پەلسەپىسى>، <ئېتىكا>، <ياپونىيە ئېتىكا ئىدىيىۋى تارىخى>، <ياپونىيە سەنئەت تارىخى ئۈستىدە تەتقىقات> قاتارلىقلار بار. يەنە 20 توملۇق <ۋاتسۇجى تېتسوئو ئەسەرلىرى> بار.