Uyghur←Chinese主要词典
ۋاستىلىك قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسى
بىئولوگىيە
间接血凝反应
jiànjiēxuèníngfǎnyìng
<پاسسىپ قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېرىشچان ئانتىگېن (ياكى ئانتىتېلا) قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۈزىگە بىۋاستە سۈمۈرۈلۈش ياكى خىمىيىلىك باغلىنىش ئارقىلىق بىرلىشىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ماس ھالدىكى ئانتېتىلا (ياكى ئانتىگېن) بىلەن بىرلىشىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان شارچىلىرىنىڭ كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسى، يەنى ئىشلىتىلگەن دانىچىسىمان توشۇغۇچى ئادەم ياكى مەلۇم بىر خىل ھايۋاننىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىدە كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋاستىلىك كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسى، بۇ ئوڭ يۆنىلىشلىك ۋە تەتۈر يۆنىلىشلىك ۋاستىلىك قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيسى ئانتىگېن قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىىڭ يۈزىگە سۈمۈرۈلۈپ ماس ھالدىكى ئانتىتېلا بىلەن پەيدا قىلغان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ؛ تەتۈر يۆنىلىشلىك ۋاستىلىك قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسى ئانتىتېلا قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ يۈزىگە سۈمۈرۈلۈپ ماس ھالدىكى ئانتىگېن بىلەن ھاسىل قىلغان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. ۋاستىلىك قان كاللەكلىشىش رېئاكسىيىسى سېرولوگىيىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ھەمدە ئەڭ سەزگۈر بولغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى. بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئادەتتىكى سېرولوگىيىلىك ئۇسۇلدا ئېنىقلاش قىيىن بولغان، مىقدارى مىكرو دەرىجىدە بولغان ئانتىتېلانى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ. مەسىلەن مىقدارى 0.0011 ug بولغان تۇخۇم ئېقى ئاقسىلىغا قارشى ئانتېتىلانى ئېنىقلاپ چىققىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا HBsAg (B تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۈزەكى ئانتىگېنى) نى ئېنىقلاشنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسى قارىمۇ قارشى ئېقىملىق ئېلېكتروفورېز ئۇسۇلىدا ئېنىقلاشنىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسىدىن 500 ~ 2000 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.