Uyghur主要词典
ۋاسىلېۋىسكىي
دۇنيا تارىخى
(1895 - 1977) سوۋېت ئىتتىپاقى مارشالى. پوپ ئائىلىسىدە تۇغۈلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئارمىيىگە قاتناشقان. 1919 - يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتنىشىپ، ئىچكى ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1937 - يىلى باش شتاب ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، باش شتابتا ئىشلىگەن. 1938 - كومپارتىيىگە كىرگەن. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دەسلىپىدە مۇئاۋىن باش شتاب باشلىقى، قوشۇمچە ئۇرۇش قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. كېيىن باش شتاب باشلىقى، دۆلەت مۇداپىئە مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى، ئالىي قوماندانلىق شتابىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ستالىنگراد ۋە كۇرسك ئۇرۇشلىرىدا قوشۇننى ئۇرۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشقۇرغان. 1945 - يىلى يىراق شەرق قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى بولۇپ، ياپونىغا قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان. 1946 - 1949 - يىللىرى باش شتاب باشلىقى، قوراللىق كۈچلەر مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى بولغان. 1949 - يىلى قوراللىق كۈچلەر مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1950 - 1953 - يىللىرى ھەربىي مىنىستىر بولغان. 1953 - 1957 - يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مىنىستىرى، مىنىستىرى بولغان. 1959 - يىلى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باش تەپتىش باشلىقى بولغان. سوۋېت ئىتتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 19، 20 - قۇرۇلتايلىرىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا سايلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئەڭ ئالىي سوۋېتىنىڭ ئىككىنچىسىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىككىچە ۋەكىل بولغان. ئۇنىڭ <ئۆمۈرلۈك ئىش>، <ئەسلىمە> دېگەن ئەسەرلىرى بار.