Uyghur主要词典
ۋاسلىي شۇيسكىي
دۇنيا تارىخى
(1552 - 1216) روسىيىلىك چوڭ ئاقسۆڭەك. چار پادىشاھ (1606 - 1610). سۇزدال خان جەمەتى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1605 - يىلى 6 - ئايدا، ئىۋان Ⅳ نىڭ كەنجى ئوغلى بولۇۋالغان يالغان دمىترىي Ⅰ (1605 - 1606 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نى ھىمايە قىلغان. ئىككىنچى يىلى 5 - ئايدا يالغان دمىترىي Ⅰ ئاغدۇرۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن چار كورۇل قىلىپ سايلانغان. تەختتىكى مەزگىلىدە، چوڭ ئاقسۆڭەكلەرگە تايىنىپ، بىر قاتار ئەمىر - پەرمانلارنى جاكارلاپ، فېئودال يانچىلىق تۈزۈمى مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن؛ پولشا قوراللىق مۇداخىلىچىلىرىگە قارشى ئۇرۇشتا قەدەمدە بىر مەغلۇپ بولۇپ، كەڭ خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغاپ، پۈتۈن روسىيىنىڭ ھەممىلا يېرىدە، دېھقانلار توپىلىڭىنىڭ قوزغۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق قوزغىلاڭ - بولۇتنىكوۋ قوزغىلىڭى (1606 - 1607) نى ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرغان. 1607 - يىلى پولشا فېئوداللىرى روسىيىنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىككىنچى يالغان دمىترىيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى يەنە بىر قېتىم قوللاپ، 1608 - يىلى 6 - ئاينىڭ باشلىرىدا قوشۇننى موسكۋا ئەتراپىغىچە ئېلىپ كەلگەن. روسىيە خەلقى ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ پولشا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرغاندا، ئۇ شۋېتسىيە فېئوداللىرىدىن ياردەم سوراپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇپ، قىسمەن چوڭ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1610 - يىلى 7 - ئايدا، موسكۋادىكى ئاچارچىلىقتا قالغان خەلق توپىلاڭ كۆتۈرگەندە، ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، پولشادا تۈرمىدىكى مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتكەن.