Uyghur←Chinese主要词典
ۋاسىيلىق ئالۋان - ياساق تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
监护征赋制
jiān hù zhēng fù zhì
ⅥⅩ - ⅧⅩ ئەسىرلەردە ئىسپانىيە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەردە ئىندىئانلارنى قۇل قىلىش يولىدا يۈرگۈزگەن بىر خىل تۈزۈم. ئۇنىڭدا: ئىسپانىيە خان جەمەتى تاپشۇرغان يەر ۋە مەلۇم ساندىكى ئىندىئانلارنى قوبۇل قىلغان ئىسپانىيىلىك مۇستەملىكىچىلەر (<ۋاسىيلىق قىلغۇچى> دەپ ئاتىلىدۇ) نىڭ ئىدىئانلارنى بىناكارلىق، كان ئېچىش ۋە تېرىقچىلىق قاتارلىق ئەمگەكلەرنى قىلىشقا مەجبۇر قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ ھەم ئۇلارغا ئازراق ھەق بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە ۋاسىيلىق قىلغۇچىلاردا ئىندىئانلارنى ئەمگەككە سېلىش ۋە ئۇلاردىن ئالۋان - ياساق ئېلىش ھەم ئولپان ئېلىش ھوقۇقى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىندىئانلارغا <ھامىيلىق قىلىش>، ئۇلارنى تەربىيلەپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق خرىستىئان مۇرىتى قىلىپ چىقىش مەجبۇرىيىتى بولغان. 1503 - يىلى ئىسپانىيە كورۇلىۋاسى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇ تۈزۈمنى سانتودومىنگودا يولغا قويغان. كېيىن مىكسىكا، پېرۇ، ئارگېنتىنا قاتارلىق ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئىسپانىيىگە تەۋە باشقا مۇستەملىكىلەردە يولغا قويغان. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ زوراۋانلىقى ئارقىسىدا، غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرىدىكى ئىندىئانلارنىڭ تۇخۇمى قۇرۇتۇلۇپ، بۇ تۈزۈمنىڭ ئورنىنى ئاستا - ئاستا نىگېر قۇللۇق تۈزۈمى ئالغان. 1592 - يىلىدىن كېيىن يېڭى گرانادا قاتارلىق جايلاردا ئىسپانىيە خان جەمەتى يەرلەرنى سېتىۋېلىپ خۇسۇسىي خوجايىنلارغا بېرىپ، ئىش تەقسىم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئايرىم جايلاردا بۇ تۈزۈمنىڭ قالدۇقلىرى ⅩⅧ ئەسىرگىچە ساقلانغان. 1720 - يىلى بىكار قىلىنغان.