Uyghur←Chinese主要词典
ۋاشىنگتون يىغىنى
دۇنيا تارىخى
华盛顿会议
huá shèng dùn huì yì
<تىنچ ئوكيان يىغىنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر يىراق شەرق ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇستەملىكە ۋە تەسىر دائىرىلىرىنى قايتىدىن بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئېچىلغان خەلقئارالىق يىغىن. 1921 - يىل 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 1922 - يىل 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، پورتۇگالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، جۇڭگودىن ئىبارەت توققۇز دۆلەت قاتناشقان. يىغىندا ئۈچ شەرتنامە ئىمزالانغان: (1) ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە ۋە فرانسىيىدىن ئىبارەت <تۆت دۆلەت ئەھدىنامىسى>، <ئەنگليە - ياپونىيە ئىتتىپاقى> نىڭ ئورنىغا دەسستىلگەن؛ (2) ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدىن ئىبارەت <بەش دۆلەت دېڭىز ئارمىيىلىرى كېلىشىمى> دە بەش دۆلەتنىڭ ئاساسلىق پاراخوتلىرى ۋە ئوكيان چارلاش پاراخوتلىرىنىڭ تونناژ نىسبىتى 1.75 : 1.75 : 3 : 5 : 5 بولۇشنى بەلگىلىگەن؛ (3) ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، پورتۇگالىيە ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت <توققۇز دۆلەت ئەھدىنامىسى> دا جۇڭگونىڭ مۇستەقىللىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ئېتىراپ قىلىنىپ، جۇڭگو ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، ھەرقايسى ئەللەر <پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش> پرىنسىپى جاكارلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يىراق شەرق ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنى تالىشىش زىددىيىتى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.