Uyghur主要词典
ۋارشاۋا قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، پولشا خەلقىنىڭ فاشىستلار ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغىلىڭى. 1942 - يىلى ۋارشاۋانىڭ يەھۇدىيلار ئولتۇراقلاشقان رايونىدا، پولشا ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاق قۇرۇلغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا فاشىست ھۆكۈمرانلىرى يەھۇدىيلارنى ۋەھشىيلىك بىلەن قىرغىن قىلىپ، نەچچە يۈزمىڭ بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، پولشا خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئىككىنچى يىلى 1 - ئايدا ۋارشاۋادىكى يەھۇدىيلار رايونىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن ھەمدە تىز كېڭەيگەن. قوزغىلاڭچىلار بىلەن فاشىستلار قوشۇنى جىددىي جەڭ قىلغان. 4 - ئايدا گېتلىر فاشىستىك ھۆكۈمىتى ھاۋا ئارمىيىسىنى يۆتكەپ كېلىپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە ماسلاشتۇرۇپ، قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 5 - ئايدا قوزغىلاڭ قوماندانلىق شتابىنى ئىشغال قىلغان. 7 - ئايدا قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان. لېكىن مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىققان بىر قىسىم جەڭچىلەر يەنىلا قوشۇن تەشكىللەپ، كېيىن پولشا گۋاردىستلار ئارمىيىسىگە قاتناشقان.