Uyghur←Chinese主要词典
ۋاررو
دۇنيا تارىخى
瓦罗
wǎ luó
(مىلادىدىن ئىلگىرى 116 - 72) قەدىمكى رىم يازغۇچىسى ۋە ئالىمى. ئىتالىيە سابىن رايونىنىڭ لېئات بازىرىدىكى رىتسار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا رىمدا تىل ۋە تارىخ ئۆگەنگەن. كېيىن ئافىناغا بېرىپ، پلاتوننىڭ شاگىرتى ئانتئوكاستىن بىلىم ئالغان. مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى <ئىچكى ئۇرۇش> تىن ئىلگىرى ترېبون، شەھەر مەمۇرىي ئەمەلدارى، باش سوتچى، مالىيە ئەمەلدارى، دېڭىز ئارمىيىسى سەركەردىسى (مىلادىدىن 67 يىل ئىلگىرى) ۋە ئىسپانىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ قوماندانى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. مىلادىدىن 76 يىل ئىلگىرى پومپېئۇسنىڭ مالىيە ئەمەلدارى بولغان چاغدا، سىرتورىئۇس قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. پومپېئۇس دېڭىز قاراقچىلىرىنى تازىلىغان ۋە يىراق شەرققە يۈرۈش قىلغان (مىترىدات ئۇرۇشى) مەزگىلى (مىلادىدىن ئىلگىرى 67 - 63) دە، ئۇنىڭ قول ئاستىدا دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، كېيىن ئىسپانىيىگە بارغان. <ئىچكى ئۇرۇش> تا كائېسارغا قارشى تۇرغان. كائېسار ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، كەچۈرۈم قىلىنىپ بۇيرۇققا بىنائەن رىمنىڭ تۇنجى ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان. زامانداشلىرىدىن سىسېرو، كېيىنكىلەردىن سانت، ئاۋگۇستىن تەرىپىدىن بىلىملىك زات دەپ تەرىپلەنگەن. ھاياتىدا يازغان ئەسەرلىرى بەكمۇ كۆپ بولۇپ، بۇلار ئەدەبىيات، تارىخ، پەلسەپە، قانۇشۇناسلىقتىن ئىبارەت ھەر خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرغىچە <لاتىن تىلى ھەققىدە > (پارچىلىرى) ۋە تولۇقراق بولغان <يېزا ئىگىلىك ھەققىدە> دېگەن ئەسەرلىرىلا ساقلىنىپ قالغنا. كېيىنكىسى دىئالوگ ژانىرىغا ياتىدىغان، ئەدەبىيات خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئەسەر بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىردىكى ئىتالىيە قۇللۇق تۈزۈمى ئىگىلىكىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.