Uyghur←Chinese主要词典
ۋاندوم تۈۋرۈكى
دۇنيا تارىخى
旺多姆圆柱
wàng duō mǔ yuán zhù
ناپولېئون ھەربىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆز - كۆز قىلىش ئۈچۈن پارىژدىكى ۋاندوم مەيدانىدا ياساتقان مىس خاتىرە تۈۋرۈك. جۇمھۇرىيەتنىڭ 12 - يىلى ئۈزۈم پىشىقى ئېيى (1803 - يىل 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى) پەرمانىغا ئاساسەن ياسىلىپ، 1810 - يىلى پۈتكەن. تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى 44 مېتىر، دىئامېتىرى 6.3 مېتىر كېلىدۇ. سىرتى 1805 - يىلدىكى ئۇرۇشتا ئولجا ئېلىنغان 1200 برۇنزا زەمبىرەكنى ئېرىتىپ قۇيدۇرۇپ چىقىلغان. تۈۋرۈكتە 32 سەنئەتكار ياساپ چىققان 22 يول بۇرمىسىمان سىزىق شەكلىدىكى قاپارتما نەقىش بولۇپ، ئارمىيىنىڭ تۆھپىسىنى كۆرسىتىدۇ. تۈۋرۈكنىڭ تۆت تەرىپىگە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنىڭ قاپارتما نەقىشلىرى ئويۇلغان بولۇپ، تۆت بۇرجىكى بۈركۈت نەقىش بىلەن زىننەتلەنگەن. تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە ناپولېئوننىڭ غەلىبە ئايال تەڭرىسىنى تۇتۇپ تۇرغان ئۆرە ھەيكىلى ئورنىتىلغان. 1871 - يىل 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، پارىژ كوممۇنىسى زەپەر تۈۋرۈكىنى چېقىپ تاشلاش توغرىسىدا پەرمان ئېلان قىلىپ، ئۇ <ۋەھشىي ھەرىكەتنىڭ خاتىرىسى، ھەربىي كۈچ ۋە شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ سىمۋولى> دەپ كۆرسەتكەن. 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چېقىپ تاشلانغان. 1875 - يىلى قايتا ياسالغان.