Uyghur主要词典
ۋالېنسىتېئىن
دۇنيا تارىخى
(1583 - 1634) مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ قوماندانى. چېخىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئەسلى پروتېستانت دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. 1624 - يىلى كىنەز بولغان، 1625 - يىلى، كورۇل فېردىناند Ⅱ تەرىپىدىن ئىمپېرىيە قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 100 مىڭ كىشىلىك ياللانما قوشۇنغا قوماندانلىق قىلغان. 1626 - يىلى 4 ـ ئايدا، پروتېستانت بەگلىكلىرى قوشۇنىنىڭ قوماندانى مانسفىلېد (1580 - 1627) نى يەڭگەن، 1626 - 1627 - يىللىرى دانىيە كورۇلى خرىستىئان Ⅳ نى مەغلۇپ قىلغان. بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن، فېردىناند ئۇنىڭغا مېكلېنبۇرگ كىنەزلىكىنى بەرگەن. تەشەببۇسكارلىق بىلەن گېرمانىيە بالتىق دېڭىز فلوتىنى قۇرۇپ چىققانلىقتىن، 1628 - يىلى فېردىناند يەنە <ئاتلانتىك ئوكيان ۋە بالتىق دېڭىزى گېنېرالى> دېگەن نامنى بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى باشلىقى ماكسىمىلىئان Ⅰ (باۋارىيىلىك) قاتارلىقلار جاتىرجەمسىزلىنىپ، 1630 - يىلى فېردىناندنى ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. 1631 - 1632 - يىللىرى، شۋېتسىيە قوشۇنى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، ئىتتىپاق قوماندانى تىلى جەڭدە ھالاك بولغان. فېردىناند 1632 - يىلى ۋاللېنستېننى قايتىدىن ئىمپېرىيە قوماندانى قىلىپ تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا چوڭ ھوقۇق بەرگەن. شۇ يىلى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى لوتزېن (سابىق دېموكراتىك گېرمانىيىنىڭ ھاللې رايونىدا) ئۇرۇشىدا شۋېتسىيە تەرىپىدىن يېڭىلگەن. كېيىن شۋېتسىيە بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكتىن يەنە بىر قېتىم ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. 1634 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى قول ئاستىدىكى ئوفىتسېر تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان.