Uyghur←Chinese主要词典
ۋالمى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
瓦尔密战役
wǎ ěr mì zhàn yì
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى مەزگىلدە، فرانسىيە ئارمىيىسى ۋالمىد پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە مۇداخىلە ئارمىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان ئۇرۇش، 1792 - يىل 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، برۇنسۇسىك قوماندانلىقىدىكى پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى قاجاق پادىشاھپەرەسلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مۇھىم ھەربىي بازار ۋېردۇننى بېسىۋالغان ھەمدە ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ پارىژغا قىستاپ كەلگەن. 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دومۇئۇرېئىز ۋە كىلېمان ئاساسەن يالاڭتۆش ئەزىمەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان فرانسىيە پىدائىيلار قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، مارنا ئۆلكىسىنىڭ ۋالمى يېزىسىدا تاجاۋۇزچى قوشۇن بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ، پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قېتىملىق ھۇجۇمنى چېكىندۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ فرانسىيە ئارمىيىسى پۈتۈن سەپ بويىچە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ھەمدە 10 - ئايدا ئىگىلىۋېلىنغان زېمىنىن پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋالغان.