Uyghur主要词典
ۋاللاخىيە كىنەزلىكى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅣ - ⅩⅨئەسىرلەردىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فېئوداللىق كىنەزلىك، قەدىمكى ئاھالىسى ئاساسەن گېتلار ۋە داكىلار ئىدى. مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رىم تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ئاھالىسى بارا - بارا رىملاشتۇرۇلغان. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا رىم ھۆكۈمرانلىقىدىن ئايرىلغان. مىلادى Ⅳ ئەسىردىن Ⅵ ئەسىرگىچە، ھونلار ۋە ئاۋارلار بۇ يەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن سلاۋىيانلار ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كېلىشكەن. مىلادى Ⅸ ئەسىردىن Ⅹ ئەسىرگىچە بىرىنچى بۇلغارىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلگەن. Ⅹ ئەسىردىن ⅩⅡ ئەسىرگىچە ئىلگىرى - كېيىن پېچىنەكلەر ۋە پولوۋسلارلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا موڭغۇللار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋېنگرىيىگە بېقىنغان. 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇستەقىل ۋاللاخىيە كىنەزلىكىنى قۇرغان. 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيە سۇلتانلىقى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، ⅩⅥ ئەسىردە پۈتۈنلەي ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېتىلگەن. 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ۋاللاخىيە كىنەزى مىخائى (باتۇر) لەشكەر تارتىپ چىقىپ تۈركلەرگە قارشى تۇرۇپ، رۇمىنىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ۋاللاخىيە، مولدوۋا ۋە ترانسىلۋانىيىنى بىر ھاكىمىيەت ئاستىغا بىرلەشتۈرگەن. لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا پارچىلىنىپ كەتكەن. 1859 - يىلى ۋاللاخىيە كىنەزلىكى بىلەن مولدۋا كىنەزلىكى قوشۇلۇپ، بىرلەشمە كىنەزلىك تەشكىل قىلغان. 1861- يىلى رۇمىنىيە كىنەزلىكى دەپ ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا تۈركىيىگە قارام بولۇپ قېلىۋەرگەن؛ 1877 - يىلى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلاپ، رۇمىنىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ چىققان.