Uyghur←Chinese主要词典
ۋالدېمار
دۇنيا تارىخى
瓦尔德玛四世
wǎ ěr dé mǎ sì shì
(تەخمىنەن 1320 - 1375) دانىيە كورۇلى (1340 - 1375). تەختتىكى مەزگىلىدە، ئاقسۆڭەكلەر توپىلىڭىنى باستۇرۇپ، مونارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملىگەن ھەمدە بالتىق دېڭىزىدىن شىمالىي دېڭىزغا كىرىشتە ئۆتىدىغان يول زۇند بوغۇزى (ياكى ئورې بوغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى بىر مەھەل كونترول قىلغان. خانسا ئىتتىپاقى بىلەن ئىككى قېتىم ئۇرۇش قىلغان؛ بىرىنچى قېتىمقىسى (1361 - 1363) دا غەلىبە قىلىپ، <ئۇتېنپوگې سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، ئۇنىڭ دانىيىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئىمتىيازىغا چەك قويغان؛ ئىككىنچى قېتىمقىسى (1368 - 1370) دا مەغلۇپ بولۇپ، <سىترالسۇند سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ خانسا ئىتىپاقى ئۆزىنىڭ دانىيىدىن بەھرىمەن بولغان ئىمتىيازىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە كېڭەيتكەن.