Uyghur←Chinese主要词典
ۋالاخىيىلىكلەر مۇراجىئەتنامىسى
领域: دۇنيا تارىخى瓦拉几亚人请愿书
wǎ lā jǐ yà rén qǐng yuàn shū
مېموراندۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1791 - يىلدىكى رۇمىنىيە مىللىي ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي پروگراممىسى. رۇمىنىيە زىيالىيلىرىنىڭ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، ترانسلۋانىيىدىكى بارلىق رۇمىنىيىلىكلەر (راھىب، ئاقسۆڭەك، ھەربىي ۋە پۇقرالار) نامىدىن ئېلان قىلىنىپ، رومىنىيە مىللىتىدىن تارتىۋېلىنغان سىياسىي ھوقۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش؛ پاناھىغا ئېلىنغۇچى، ئىلتىپاقتا ئېرىشكۈچى دېگەندەك ھاقارەتلك ئاتاشلارنى بىكار قىلىش، رۇمىنىيە مىللىتى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇش، دۆلەت مەجلىسىگە قاتنىشىش ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى نوپۇس نىسبىتى بويىچە ئېلىپ بېرىش، مىللىي يىغىن ئېچىش ھوققى بېرىش تەلەپ قىلىنغان. شۇ يىلى 3 - ئايدا، مۇراجىئەتنامە ئاۋسترىيە كورۇلى لېئوپولد Ⅱ گە سۇنۇلغان. 5 - ئايدا كرول پارلامېنتقا سۇنۇلغاندا رەت قىلىنغان. مۇراجىئەتنامە ھەرىكىتى مىللىي ئازادلىق ۋە رۇمىنىيە دۆلىتىنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۈرىشىنىڭ دولقۇنىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。