Uyghur主要词典
ۋاڭ كۇەن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1848 - 1919) جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندا ئۆتكەن ئىسلام ئۆلىماسى. بېيجىڭلىق، خۇيزۇ. دىنىي ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. گۇاڭشۈينىڭ 31 - يىلى (1905) مەككىگە بېرىپ ھەج قىلدى. ياۋروپا، ئاسىيا، ئافرىقىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىگە بېرىپ زىيارەت قىلدى. ئىككى يىلدىن كېيىن تۈركىيىدە ئوقۇپ كېلىپ، داپۇشىڭ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بېيجىڭنىڭ نيۇگەي مەسچىتىدە ئىسلام دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى ئاچتى. 1908 - يىلى بېيجىڭدا مۇسۇلمان بالىلىرىنى ئوقۇتىدىغان تۇنجى باشلانغۇچ مەكتەپ ئېچىشنى تەشەببۇس قىلدى. 1912 - يىلى بېيجىڭدا ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن جۇڭگو ئىسلامىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى قۇرۇلدى. ۋاڭ كۇەن جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولدى.