Uyghur主要词典
ۋاكاتسۇكى رىئېجىرو
دۇنيا تارىخى
(1866 - 1949) ياپونىيە باش ۋەزىرى (1926، - 1927، 1931). ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. باش باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، مالىيە مۇئاۋىن ئەمەلدارى، مالىيە ۋەزىرى بولغان. ئاساسىي قانۇنچى يولداشلار جەمئىيىتىگە مەنسۇپ. 1924 - 1926 - يىللىرى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، <ئومۇم سايلام قانۇنى> ۋە <ئامانلىقنى ساقلاش قانۇنى> نى تۈزۈشكە قاتناشقان. 1926 - يىلى كاتو تاكائاكىدىن كېيىن ئاساسىي قانۇنلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ لىدىرى بولۇپ، ئىككىنچى كابىنېت تەشكىللىگەن. 1931 - يىلى خاماگۇچى يۇكودىن كېيىن خەلق سىياسىي پارتىيىسىنىڭ لىدېرى بولۇپ، يەنە بىر قېتىم ئىچكى كابىنېت تەشكىللىگەن. كېيىن مۇھىم ۋەزىر سۈپىتىدە ياپونىيە - ئامېرىكا ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان، تودزىئو ئىچكى كابىنىېتىغا قارشى ھەرىكەتكە قاتناشقان. <كونا ئۆرپ - ئادەت ھەققىدە ئەسلىمە> دېگەن ئەسىرى بار.