Uyghur主要词典
ۋاڭ جىڭزەي
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 1879 - 1949) جۇڭگودىكى چوڭ ئاخۇن، تيەنجىنلىك، خۇيزۇ. 1905 - يىلىدىن ئېتىبارەن دىنىي ئوقۇشنى باشلاپ ئاخۇن بولغان. 1922 - يىلى مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇدى ھەمدە تۈركىيە، ھىندىستان قاتارلىق جايلاردا بىلىم ئاشۇردى. 1923 - يىلى ھەج قىلىپ جۇڭگوغا قايتىپ كېلىپ، تيەنجىندە خەنزۇچە - ئەرەبچە ئۇنىۋېرسىتېت ئاچتى. 1927 - يىلى <ئىسلام نۇرى> ناملىق ئايلىق ژۇرنال چىقاردى، كېيىن بېيجىڭدىكى جاۋزىخۇتۇڭ مەسچىتىگە ئاخۇن بولدى. 1937 - يىلى خېنەندە شى زىجۇ بىلەن <جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش جەمئىيىتى> نى قۇردى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە چۇڭچىڭ، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردا <قۇرئان كەرىم> نى تەرجىمە - تەپسىر قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۆزىنى ئەھلى سۈننەت دەپ ئاتىدى. خەنزۇچە، ئەرەبچە، ئىنگلىزچىغا پىششىق بولۇپ، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى. داپۇشىڭ، خا دېچىڭ، ماسۇڭتىڭ بىلەن بىر قاتاردا <جۇڭگودىكى تۆت چوڭ ئاخۇن> ھېسابلاندى.