Uyghur←Chinese主要词典
ۋايسىيا
تارىخ
吠舍
fèi shě
دۇنيا تارىخى
吠舍
fèi shě
قەدىمكى ھىندىستاندىكى تۆت چوڭ ۋارنا (تائىپە) نىڭ ئۈچىنچى ۋارناسى. ئۇلار ئادەتتىكى ئارىيانلارنىڭ ئادەتتىكى خەلق ئاممىسى، جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ئىشلەپ چىقارغۇچىلىرى ئىدى. <مانو قانۇنى> دا ئۇلارنىڭ <چارۋىچىلىق، سەدىقە بېرىش، كانچىلىق، ۋېدا نومىنى ئۆگىنىش، سودا، جازانىخورلۇق قىلىش ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى> بەلگىلەنگەن. ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىۋە ئىجتىمائىي بۆلۈنۈش تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايلار (مەسىلەن: چوڭ سودىگەرلەر) ھۆكۈمران سىنىپلار قاتارىغا كىرگەن. ئەكسىچە بىر قىسمى نامراتىلىشىپ سۇدرا ۋارناسىدىكى تىرىكچىلىك قىلغۇچىلارغا ئايلانغان. بىراق ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى سالاھىيىتى ئۆزگەرتىلمىگەن.