Uyghur主要词典
ۋايجان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خەۋپ ئاستىدا قالغاندا ئادەم چاقىرىش نىداسى.
<ۋايجان، ئادەم بارمۇ؟> دېگەن ئاۋاز چىققان يەرگە بارساق، بىر باسقۇنچى قىزغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولۇپ قىزغا ئېسىلغانىكەن. <ۋايداد، ۋايداد، مېنى قۇتقۇزۇڭلار!> دەپ توۋلىدى ئۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ۋاي + جان
ئىملىق سۆز
ئاغرىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋايجان، بېشىم بەك ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.
چارچاش، ئۇسساش، ئېچىرقاش قاتارلىق ھالسىزلىنىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋايجان، بەك ھېرىپ كەتتىم.
قورقۇش، چۆچۈش، ھەيران قېلىش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋايجان، نېمىدېگەن سەت ھايۋان بۇ.
پېسەنت قىلماسلىق ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋايجان، نېمانچە قىلاتتۇق ئۇنىڭغا، يامىنى كەلسە تۆت تەڭگىنى ئارتۇق خەجلەرمىز.