Uyghur主要词典
ۋافد پارتىيىسى
دۇنيا تارىخى
مىللىي پارتىيە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان. al.Wafd نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئەرەبچىدە ئەسلى ۋەكىلەر ئۆمىكى دېگەن مەنىدە. مىسىرنىڭ ھازىرقى زمان تارىخىدا تەسىرگە ئىگە بۇرژۇئا پارتىيىسى. 1918 - 1919 - يىللىرى ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەت داۋامىدا زەھلول رەھبەرلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققان. ئەنگلىيەنىڭ <ھامىيلىق ھوقۇقى> نى بىكار قىلىپ، مىسىرنىڭ تولۇق مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1923 - يىلى بىرىنچى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ئىككىنچى يىلى زەھلول زۇڭلىلىقىدىكى تۇنجى ۋافد پارتىيىسى كابىنېتىنى تەشكىللىگەن. 1927 - يىلى زەھلول قازا قىلىپ، ناھاس پاشا (1876 - 1965) داھىي بولۇپ بىر مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. 1935 - يىلىدىن باشلاپ، ئەنگلىيىگە بولغان پوزىتسىيىسى كۈندىن - كۈنگە يۇمشاپ كەتكەن. 1952 - يىلى مىسىر ئىيۇل ئىنقىلابىدىن كېيىن، يەر ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرغان. 1953 - يىلى پائالىيىتى مەنئى قىلىنغان.