Uyghur主要词典
ۋابا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىچ سۈرۈپ، ئادەمنى تېز ھالاك قىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل.
ۋابادىن ئامان قېلىپ، ھاراقتا ۋەيران بولغان. دوستلۇق ئارا دەھشەتلىك ۋابا - خۇشامەتچىلىك. خولېرانىڭ داۋاسى تازىلىق. خولېرا تارالسا، دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا مەلۇم قىلىش كېرەك. چوڭ ئانام چۇمادىن ئامال قالغان، تومۇدىن كەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<تېب> تېز تارقىلىشچان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.
ۋابا تارقالماق.
كۆچمە. ئاپەت، كۈلپەت قاتارلىق كۆڭۈلسىز ھادىسىلەر.
شەرقتىن بىر سادا كەلدى، شىۋىرغان جۇت ھاۋا كەلدى. تۈتەك باسقان ئاراللاردىن، سېرىق شەيتان ۋابا كەلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دوستىغا، يارىغا ۋە يېقىن كىشىلىرىگە بولغان ساداقەت؛ كۆيۈم، سۆزىدە قەتئىي تۇرۇش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش.
ۋاپاغا جاپا قىلماق.
چىرايلىقتا ۋاپا يوق (ماقال).
ۋاپا تاق، جاپا جۈپ (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆلۈم.
ھېلىقى ئۆيدىكى قىز نۇردۇننىڭ ۋاپات بولغان ئۇستىسىنىڭ قىزى ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئەھدىسىنى بۇزمايدىغان، سۆزىگە، ۋەدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان؛ سەمىمىي، سادىق.
ۋاپاسىز قېرىنداشتىن، ۋاپادار ئاشنا ياخشى (ماقال).
ئى. سادىق ھەمراھى، جۈپتى.
كۆز مۇنچىقىم، ۋاپادارىم ياخشى قال.