Uyghur主要词典
تىزىق
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قەدىمكى زاماندا ئىشلىتىلگەن پۇللار ئاساسەن مېتالدىن (ئالتۇن، كۈمۈش، مىس) قۇيۇلغان بولغاچقا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولسۇن ئۈچۈن ئوتتۇرىسىدا يىپ ئۆتكۈزىدىغان چاسا تۆشۈك بولاتتى. ھۆكۈمەت خەزىنىسىدە بۇ پۇللار ساناپ يىپقا ئۆتكۈزۈلۈپ ساقلىناتتى. بۇ <تىزىق> دېيىلەتتى. خۇسۇسىيلار پۇل قاپچۇقىدا ساقلايتتى، بۇ چەندازا (بۇ خەنزۇچە<پۇل قاپچۇقى> دېگەن مەنىدىكى <钱袋子> بۇزۇپ ئاتىلىشى) دەپ ئاتىلاتتى. جۇڭغارلار دەۋرىدە شىنجاڭدا مىڭ داچەن بىر تىزىق ھېسابلانغان ۋە بىر سەر كۈمۈشكە باراۋەر كېلىدىغان بولۇپ قالغان. قىزىل مىس يارماقتىن (دانىسىنىڭ ئېغىرلىقى دەسلەپتە ئىككى مىسقال، كېيىن بىر يېرىم مىسقال بولغان) 400 داچىنى بىر تىزىق ھېسابلىغان. 1890 - يىلدىن كېيىن بىر تىزىق قىزىل مىس يارماق بىر سەر كۈمۈشكە باراۋەر بولغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، تىزىلغان.
ئۈمىدىم ئۈزۈلگەن سەندىن ھەي كاززاپ! يادىڭدا قىلمىشىڭ تارىخىي تىزىق.
ئى. يىپ قاتارلىق نەرسىلەرگە ئۆتكۈزۈلگەن نەرسىنىڭ ھەربىر بۆلىكى.
مارجاننىڭ تىزىقى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ.
مىق. ساناق سانلاردىن كېيىن كېلىپ، تىزىق ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر تىزىق مارجان.