Uyghur主要词典
تىزگىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئات _ ئۇلاغقا سالىدىغان يۈگەن _ نوختىلارنىڭ بېغى. كۆچمە مەنىدە كونترول قىلىدىغان نەرسە.
تىزگىن تۇتۇشنى بىلمىگەن تاغ ئاشالماس. ئادەمنىڭ تىزگىنى ئەقىل. ئازراق ئىچسەڭ، تىلىڭنىڭ تىزگىنى بوشاپ كېتىدۇ. ئات بەرگەنگە ئېگەر بەر، تۆگە بەرگەنگە چۇلۋۇر. تىلىڭنىڭ چۇلۋۇرىنى چىڭ تۇت. بوجا بوش بولسا، ئات ئەپقاچىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يۈگەننىڭ ئېغىزدۇرۇق ھالقىسىغا چېتىلغان، ئات - ئۇلاغلارنى يېتىلەش، قاڭتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئۇزۇن تاسما.
ئالماس قۇلىقىغا ئىشەنمىگەندەك، ئاستىدىكى بوز ئاتنىڭ تىزگىنىنى ئىتتىك تارتتى.
كۆچمە. باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ۋاسىتىلىرى.
مەتقاسىم بىر قوي ئۆلتۈرۈپ قىلىنغان بىر ئاخشاملىق زىياپەتتىن كېيىنلا، كۆكتاتچىلىق گۇرۇپپىسىنىڭ تىزگىنىنى پۈتۈنلەي قولىغا ئالدى.