Uyghur主要词典
تىئودوس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 346، 395 - يىللىرى) قەدىمكى رىم ئىمپېراتورى (379، 395 - يىللىرى). يەنى <بۈيۈك ئىپېراتور تېئودوس>. ئىسپانىيىدە تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە ئاتىسى (گېنېرال تېئودوس) قا ئەگىشىپ پرىتانىيە يۈرۈشىگە قاتناشقان. ېيىن مېسىيە (دۇنيا دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ جەنۇبى) دىكى سارماتىئانلاr بىلەن بولغان ئۇرۇش (374-يىلى) قا قوماندانلىق قىلغان. ئىمپېراتور ۋالېنىس ئادرانوپول جېڭىدە ئۆلگەن (378-يىلى) دىن كېيىن ئىمپېراتور بولۇپ، ئىمپېرىيىنىڭ شەرقىي قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. شەرقىي رىم چېگرىسىغا بېسىپ كىرگەن. غەربىي گوتلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، سۈلھ تۈزگەن (382-يىلى). ئىككىنچى يىلى ماكسىم غەربىي قىسمىدا ئۆزىنى ئىمپېراتور دەپ جاكارلاپ، برىتانىيە، گاللىيە، ئىسپانىيىلەرنى ئىگىلىۋالغاندا، ئۇنىڭغا يول قويغا؛ ماكسىم يەنە بىر ئىمپېراتور ۋالىنتىنىئان Ⅱ غا قارشى چىقىپ، ئىتالىيىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ كىرگەندە (387-يىلى)، ئەسكەر چىقىرىپ جازا يۈرۈشى ئېلىپ بارغان. ماكسىم مەغلۇپ بولۇپ ئۆلگەن. ئارقىدىن مىلان ۋە رىمغا بېسىپ كىرگەن تەخىتتىكى مەزگىلىدە ھەر قايسى جايلاردىكى خەلق قوزغىلىڭىنى قاتتىق باستۇرغان؛ غەيرىي دىنىي ئېتىقاتنى تەقىپ قىلىپ، غەيرىي دىنىي ئىبادەتخانىلارنى (ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى سېراپىس ئىبادەتخانىسى قاتارلىق) بۇزۇپ تاشلىغان. 390-يىلى تىسالونىكا (ماكېدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمدا) شەھىرىدە قوزغىلاڭ يۈز بەرگەندە، بىر ئوفىتسېر بىلەن بىر نەچچە ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن، 7000 دەك پۇقرانى سېرك مەيدانىغا ھەيدەپ كېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشىگە بۇيرۇق چۈشۈرگەن؛ شۇڭا، مىلاننىڭ ئارخىئېپىسكوپى ست. ئامبروسېئۇسمۇ ئۇنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە ئۇنى دىندىن قوغلاپ زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن، ھەمدە ئۇنى دىندىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن ئۇ ئاشكارا توۋا قىلغانلىقىدىن بۇ ئىش بېسىقىپ قالغان. 392-يىلى ئۇ خرىستىئان دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ، بىدئەتچىلەرگە بولغان زىيانكەشلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. شۇ يىلى ۋالىنتىنىئان Ⅱ ئۆلۈپ، ئىمپېرىيە ئاساسەن قايتىدىن بىرلىككە كەلگەن، كونستانتىنوپول پايتەخت بولغان. ئۆلۈش ئىمپېرىيىنى ئىككى ئوغىغا - چوڭ ئوغلى ئاركادېغا شەرقى قىسمىنى بۆلۈپ بەرگەن، ئىككىنچى ئوغلى ھونورىئۇغا غەربىي قىسمىنى بۆلۈپ بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن رىم ئىمپېرىيىسى شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە بۆلۈنۈپ كەتكەن.