Uyghur←Chinese主要词典
تىخونوۋ
دۇنيا تارىخى
吉洪诺夫
jí hóng nuò fū
(1896 - 1979) سوۋېت ئىتتىپاقى شائىرى ۋە يازغۇچىسى. ئۇششاق قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پېتربۇرگ سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئارمىيىگە قاتناشقان. 1918-يىلى قىزىل ئارمىيىگە قاتناشقان. 1934-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزاسى بولان. 1944-يىلدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سېكرىتارىياتىنىڭ سېكرىتارى بولغان. دەسلەپكى شېئىرلىرىدا كۆپىنچە گراژدانلار ئۇرۇشىنى تېما قىلىپ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان: <كۆك رەڭلىك خەت - چەك ھەققىدە ناخشا>، <جەڭچىنىڭ ئۆلۈمى>، <مىخقا مەدھىيە> قاتارلىقلار. ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە لېنىنگرادنى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، <كىروۋ بىز بىلەن بىللە> دېگەن داستانى، <ئۇرۇش يىللىرى> دېگەن شېئىرلارتوپلىمىنى، <لېنىنگراد ئۇرۇشى> دېگەن ھېكايىلەر توپلىمىنى يېزىپ، سوۋېت خەلقىنىڭ فاشىستلارغا قارشى پىداكارانە كۈرەشلىرىنى مەدھىيىىگەن. 1949-يىلىدىن كېيىن ئۇزاققىچە سوۋېت ئىتتىپاقى تىنچىلىقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. يەنە <گرۇزىيىدىكى باھار>، <ئىككى جىددىي ئېقىم> دېگەن ئەسەرلىرى بار.