Uyghur←Chinese主要词典
تىۋىتلىق پەردە
بىئولوگىيە
绒毛膜
róngmáomó
يېتىلىۋاتقان تۆرەلمە ياكى ھامىلىنى ئوراپ تۇرىدىغان پەردە تۈزۈلۈشى. ئادەتتە ئامنىئون پەردىنىڭ سىرتىغا يېپىشىپ تۇرىدۇ. سۈت ئەمگۈچىلەردە بولسا، ھامىلىنى ئوراپ تۇرىدىغان پەردىنىڭ (بالا ھەمراھىنىڭ) ئوتتۇرىسىدىكى بىر قەۋەت پەردە بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە نۇرغۇنلىغان تىۋىتسىمان ئۆسۈكچىلىرى (تىۋىتلىرى) بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە كاپىلليار قان تومۇرلار بولۇپ، كىندىك بېغىدىكى قان تومۇرلارغا تۇتىشىدۇ. بالىياتقۇ تۈۋىدىكى تۆكۈلگۈچى پەردىنىڭ يېنىدىكى بىر قىسىم تىۋىتلىق پەردە ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بالىياتقۇ تۈۋى چۈشكۈچى پەردە بىلەن بىلەن تەخسىسىمان بالا ھەمراھىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھامىلە بالا ھەمراھىدىكى تىۋىتلىق پەردە قان تومۇرلىرى ئارقىلىق ئوسموتىك رولىدىن پايدىلىنىپ ئانا تەنە بىلەن ماددا ئالماشتۇرىدۇ. قۇشلارنىڭ تىۋىتلىق پەردىسى بىر قەۋەت شىللىق پەردە بولۇپ، تۆرەلمە ۋە پۈتۈن تۆرەلمە سىرتقى قىسمىنى - ئامنىئون پەردە، تۇخۇم سېرىقى خالتىسى ۋە تۇخۇم ئېقى قاتارلىقلارنى ئوراپ ئامنىئون پەردە بىلەن بىرلىكتە تۆرەلمىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.
تېببىي
绒[毛]膜
róng [máo ]mó móDئۇنىۋېرسال
绒毛膜
róng máo mó