Uyghur主要词典
تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىغا تۈكۈرمەك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، بىراۋنىڭ ياخشىلىقى، شەپقىتى، غەمخورلۇقىغا ئېرىشىۋېلىپ، كەينىدىن يۈز ئۆرۈپ، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان يۈزسىزلىكنى بىلدۈرىدۇ: - ئۇلار ئۆزلىرى قانداق بولسا، باشقىلارنىمۇ شۇنداق، دەپ ئويلايدۇ، چۈنكى يامان نىيەتلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈش، تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىغا تۈكۈرۈش، قاقتى - سوقتى قىلىش ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرمەيدۇ.