Uyghur主要词典
تۇزاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياۋايى ھايۋانلار،ئۇچار قاتلار ۋە سۇ ھايۋانلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن ياسالغان سايمانلار. كىنايە مەنىسىدە ھىيلە - مىكىر يولى بىلەن ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قارىتىلىدۇ. بۇ يەردە شۇ كېيىنكى مەنىدە.
قېرى تۈلكە قاپقانغا چۈشمەس. بىراۋنى قەستلەپ ئورا قازغان ئىنسان، ئاقىۋەت ئۆزىگە قۇرار قاپقان. قۇشقاچقا قۇرغان تۇزاققا لاچىن چۈشمەس. دۈشمەن كۈلىدۇ. ئارقىدىن تاپان - تۇزاق قۇرىدۇ. ساڭا قىسماق قۇرغانغا باسماق قۇر. ئەقىللىق يىگىت ھارامزادىنىڭ تورىغا چۈشمەس. باشقىغا ئورا قازساڭ، ئۆز بويۇڭغا ئۆلچەپ قاز. گۈلدەستىنىڭ كەينىدىن بىللە كېلىدىغىنى سىرتماق. بىر قېتىم دامغا چۈشكەن بىر ئەقىل تاپار. قىلسا تۈگىمەيدىغان ئىش يوق، قىلتاققا چۈشمەيدىغان قۇش يوق. بېلىق قارماقنى كۆرمەس، يەمچۈكنى كۆرەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ھەققىدە گەپ - سۆزى، ئىش - ھەرىكىتى سىلىق، مۇئامىلىسى ياخشى.
ئۇ - ئوماق بالا. يېقىملىق سۆز تاشنى يارار. ئەلتەك ھەممىنى خۇش قىلىدۇ. مۇلايىم مۈشۈكنى چاشقان تۇتقاندا كۆر. مۇنايىم جاۋاب غەزەبنى باسار. مېھرىنىسا مېھرى ئىسسىق قىز ئىكەن. ئادەم گۈزەل بولغىنى ئۈچۈن سۆيۈملۈك ئەمەس، سۆيۈملۈك بولغىنى ئۈچۈن گۈزۈل. ئالەمدە ئەخلاقلىق ئايالدىن سۆيۈملۈك نەرسە يوق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇزاق.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئىگلەدى مەنىڭ ئازاق
كۆرمەزىپ ئوغرى تۇزاق
ئىگلەدىم ئاندىن ئۇزاق
ئەملەگىل ئەمدى تۇزاق
{مېنىڭ ئايىقىم ئاغرىدى،
يوشۇرۇن توزاقنى كۆرمەي (ئىلىنىپ قېلىپ)،
ئاندىن ئۇزاق ئاغرىق تارتتىم،
سۆيۈملۈكۈم، ئەمدى ئەملىگىن.}
يوشۇرۇن تۇزاقنى كۆرمەي، ئۇنىڭغا ئايىقىم ئىلىندى، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇزاق ئاغرىدىم، ئەي سۆيۈملۈكۈم، ئەمدى مېنى ئۆزەڭ ئەملىگىن.
1 - 493
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆزىگە يېقىن كۆرۈپ ئېيتىلغان سۆز. بۇ سۆز «سۆيۈملۈكۈم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئاخىرىغا «ى _ يا» قوشۇلۇپ، « تۇزاقى» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.
1 - 493
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئورا، تۇزاق، قىلتاق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھايۋان ۋە قۇشلارنى تۇتۇش ئۈچۈن، تۆمۈر ۋە ياغاچتىن ياسالغان بىر خىل قىسماققا ئوخشاش قۇرۇلما، قاپقان.
كۆچمە. بىراۋنى قولغا كەلتۈرۈش ياكى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر، ئىشلىتىلگەن ۋاسىتە؛ ھىيلە - مىكىر.
تۇزاق قۇرماق. تۇزاققا چۈشمەك.