Uyghur←Chinese主要词典
تۇخۇم ھاسىل بولۇش
تېببىي
卵子发生
luǎn zǐ fā shēng
بىئولوگىيە
卵子发生
luǎnzǐfāshēng
ھايۋان تۇخۇمىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يېتىلىش جەريانى. ئادەملەرنىڭ بۇ جەريانى ئۈچ دەۋرگە بۆلۈنىدۇ؛ (1) كۆپىيىش دەۋرى؛ تۇخۇمدان پوستلاق قىسمى ئەتراپىغا جايلاشقان ئىپتىدائىي تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇدا يىپلىق بۆلۈنۈپ سانىنى كۆپەيتىدۇ. (2) ئۆسۈش دەۋرى؛ ئىپتىدائىي تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۆسۈپ چوڭىيىپ (ئەسلىدىكى دىئامېتىرى 20 مىكرومېتىر، چوڭايغاندىن كېيىن تەخمىنەن 60 - 80 مىكرومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ) ئىپتىدائىي تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىدۇ، ھۈجەيرە تەنچىسىنىڭ سىرتىدا سۈزۈك بەلبېغى ياكى رادىئاتسىيە بەلبېغى بولىدۇ. (3) پىشىپ يېتىلىش دەۋرى؛ يېتىلگەن ئىپتىدئىي تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسى ئىككى نۆۋەت يېتىلىپ بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى قېتىملىقى سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈش بولۇپ، خروموسوما سانىنىڭ يېرىمى كېمىيىپ بىر دانە ئىككىنچى دەرىجىلىك تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسى (n) ۋە بىر دانە ھەجىمى كىچىكرەك بولغان قۇتۇپ تەنچىسى (بىرىنچى قۇتۇپ تەنىچە) نى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىق يېتىلىپ بۆلۈنۈشتە ئىككىنچى دەرىجىلىك تۇخۇم ئانا ھۈجەيرىسى ئادەتتىكى يىپلىق بۆلۈنۈش بويىچە بۆلۈنۈپ، بىر دانە تۇخۇم (n) ۋە بىر دانە قۇتۇپ تەنىچە (ئىككىنچى قۇتۇپ تەنىچە) ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىرىنچى قۇتۇپ تەنىچىمۇ بۆلۈنۈۋاتقان بولىدۇ.