Uyghur←Chinese主要词典
تۇخۇم
ئورمانچىلىق,ئاناتومىيە,باغۋەنچىلىك,ئۆسۈملۈك,دېھقانچىلىق,تېببىي
卵
luǎnDئۇنىۋېرسال
白果儿
bái guǒ érDتېببىي
卵子
luǎn zǐDئۇنىۋېرسال
卵子
luǎn zǐ
بىئولوگىيە
卵
luǎn
تۇخۇملۇق كۆپىيىش جەرياىدىكى ئانىلىق گامېتا. ئادەتتە شار شەكىللىك ياكى تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ، سپېرمىدىن چوڭراق بولىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ھەرىكەتلەنمەيدۇ. تۇخۇمدا ھۈجەيرە يادروسى بولۇشتىن باشقا، يەنە ستوپلازما ۋە كۆپ مىقداردا ئوزۇقلۇق ماددا بولىدۇ. ئېنتومولوگىيىدە تۇخۇم يەنە ھاشاراتلارنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، تولۇق ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلار (پەرۋانە، كېپىنەك، پاشا، چىۋىن قاتارلىقلار) دا تۇخۇم، لىچىنكا، قورچاق ۋە يېتىلگەن قۇرتتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچ بولىدۇ. بىراق بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان تۇخۇم ئۇزۇقلانغان تۇخۇمنى كۆرسىتىدۇ. جانلىقلارنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا، تۇخۇمنىڭ شەكلى ئۆزگىرىشى زور بولىدۇ. تۇخۇمنىڭ ئەڭ چوڭى قۇش تۇخۇمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تۇخۇم سېرىقى، تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئەتراپىدا تۇخۇم ئېقى، تۇخۇم پەردىسى، تۇخۇم شاكىلى قاتارلىق تۈزۈلۈشلەر بولىدۇ. تۇخۇم ئادەتتە ئانىلىقنىڭ كۆپىيىش ئورگىنىدىن ھاسىل بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ئانىلىق كۆپىيىش ئورگىنى تۇخۇمدان، تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۇخۇم ھاسىل قىلىش ئورگىنى تۇخۇم ساقلاش ئورگىنى ياكى تۇخۇم خالتىسى: مۇخ، پاپورتنىكلا ۋە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق كۆپىيىش ئورگىنى بويۇن تۇخۇم ئورگىنى دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
(1)dàn (2)luǎn (3)zhǒng
(1)蛋(2)卵(3)种