Uyghur主要词典
تۇتۇق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پەردە توسۇق.
تۇتۇق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئاختا، پىچىۋېتىلگەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇخۇمى پىچىۋېتىلگەن ئادەم ۋە ھايۋان.
ئادەتتە «ئاخۋات» ئادەمگە، «ئاختا» ئاتقا قارىتىلىدۇ.
خان ئوردىسىدىكى ئاخۋاتلار ھەرەمخانىغا كىرىۋېرىدىكەنمىش. ئاختا ئات ئايغىردىن كۈچلۈك كېلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يورۇق ئەمەس، روشەن ئەمەس.
قۇرۇق گەپ ھەقىقەتنى تۇتۇق قىلىدۇ، ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى نۇرلۇق قىلىدۇ. ئاچكۆزلۈكتىن ئەقىلمۇ غۇۋا. گۇڭگا يورۇقتا كىتاب ئوقۇش كۆزگە زىيانلىق. خىرە شام يورۇقى كۆرۈندى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆرۈنۈپ، بىلىنىپ تۇرمايدىغان، ئاسان كۆرگىلى، چۈشەنگىلى بولمايدىغان.
ئېنىق، روشەن، ئايان
ئۆز - ئۆزىدىن كۆرۈنۈپ، بىلىنىپ تۇرغان، ئاسان كۆرگىلى، چۈشەنگىلى بولىدىغان.
مەقسەت ئېنىق بولسا، تۇرمۇش پارلاق بولار. ئاپتاپ قانچىلىك بولسىمۇ روشەن، بىر پارچە بۇلۇتمۇ يوشۇرىدۇ ئۇنى بەزەن. كۆپچىلىككە ئاياننى كېلىشتۈرۈپ ئېيتماق قىيىن.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇتۇق.
ئەرلەر ئىسمى.
1 - 494
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
①ئەمەل، مەنسەپ نامى؛ ② مەرتىۋە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرمايدىغان، ئوچۇق ئەمەس.
ئاسمان يەنىلا تۇتۇق.
سۈپ. ئېنىق ئەمەس، مۈجمەل.
بۇ ئارىلاش ۋە تۇتۇق سادالارنىڭ زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئومۇ ئېنىق چۈشىنەلمەيتتى.
سۈپ. كۆچمە. خۇشاللىق ئالامەتلىرى بىلىنمەيدىغان؛ غەمكىن.
ئەمما ئۇنىڭ پۈتكۈل چىرايى خىيالچان، تۇتۇق ئىدى.
ئى. جۇۋىنىڭ يەڭ ۋە پەشلىرىنىڭ چۆرىسىگە تۇتۇلىدىغان كۆرپە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي زېمىندا تەسىس قىلىنغان، ھىراۋۇل مەھكىمىسىدە مەمۇرىي ئىشلار ۋە مىللەتلەر ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
① مەرتىۋە، ② ئىدارە قىلغۇچى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدىمكى ئەمەل نامى. ھازىرقى ئۆلكە باشلىقىغا تەڭ كېلىدۇ.