Uyghur主要词典
تۇتچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆي - جايى يانمۇيان ياكى يېقىن ئائىلىلەر، كىشىلەر ۋە بەزىدە شۇنداق يېقىنلىققا كىنايە.
قوشناڭ قارىغۇ بولسا، كۆزۈڭنى قىس. قوشنا ھەققى - خۇدا ھەققى. كەمتەرلىك بىلەن ئۇلۇغلۇق قوشنا - قولۇم. ئۆي تاللىغۇچە ھەمەمسايە تاللا. ھەمسايىنىڭ قىزىنى كۆر، قېشى بىلەن كۆزىنى كۆر، ئاۋۇلىدا بەردى كۆڭۈل، ئەمدى مانا نازىنى كۆر. يېڭىش بىلەن يېڭىلىش تام قوشنا. يان ياردىن يېقىن. يىراقتىكى تۇغقاندىن ئاراتام قوشنا ياخشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەممە ۋاقىت.
دائىم پەخەس بول، ھەر ۋاقىت بوشاشما. دىلىڭ ھېچ بولمىسۇن غەمكىن، غەش، خىرە، گۇناھتىن پاك تۇرسۇن ھەمىشە.ياتقان نەرسە ئورنىدا، ھەر قاچان ئۆز قولۇڭدا. قول ھەر ۋاقىت گۇناھكار. بىلىمنىڭ ئاسمانغا يەتكەن بولسا ھەم، باشقىلار ئىلمىگە قۇلاق سال ھەردەم. پاتقاقتىن خارراقتۇر جاھاندا نادن، بىرەر ياخشىلىقتىن خالىيدۇر ھامان.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
دائىم، داۋاملىق، ئۈزۈلمەي