Uyghur主要词典
تۇڭشىن جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت نىڭشا ئۆلكىسىنىڭ تۇڭشىن ناھىيىسىدىكى كونا شەھەردە. مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەۋسلەپكى يىللىرى تاشلىۋېتىلگەن لاما ئىبادەتخانىسىدىن ئۆزگەرتىپ سېلىنغان. 1573 _ يىلىدىن 1620 _ يىلىغىچە، 1791 _ يىلى ۋە 1907 _ يىللىرى ئۈچ قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئىگىلگەن يەر كۆلىمى 3 مىڭ 500 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئىمارەتلىرى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان. ئىچكى قۇرۇلمىسى ئىسلام ئۇسلۇبىغا ئىگە. 1936 - يىلى 10 _ ئايدا جۇڭگو ئىشچى _ دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى مۇشۇ مەسچىتتە ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، يۈيخەي ناھىيلىك خۇيزۇ ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنى قۇردى. بۇ مەسچىت 1982 _ يىلىدىن 1985 _ يىلىغىچە رېمونت قىلىندى.