Uyghur主要词典
تۇپاك ئامارۇ
دۇنيا تارىخى
(1) (؟ - تەخمىنەن 1571) پېرۇ ئىندىئانلىرىنىڭ ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانىلقىغا قارشى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى، يېڭى ئىنكا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن 1544 - 1571). 1536-يىلىنىڭ بېشىدا ئاتىسى مانكو بىلەن بىرلىكتە ئىندىئانلارنىڭ قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، مۇستەقىل يېڭى ئىنكا دۆلىتىنى قۇرغان. ئاتىسى قۇربان بولغاندىن كېيىن، كۇسكونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا ئىسپانىيە ئارمىيىسىگە زەربە بېرىدىغان پارتىزانلىق ئۇرۇشقا داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىپ، مۇستەقىللىك يولىدىكى كۈرەشنى ئالاھازەل 30 يىل داۋاملاشتۇرغان. كېيىن ئالدىنىپ يىغىنغا بېرىپ قولغا ئېلىنغان، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى كۇسكو مەركىزىي مەيدانىدا ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇرغۇن ئىندىئانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرى ئۆز پېتى قوللانغان (2) تۇپاك ئامارۇ (تەخمىنەن 1742 - 1781). پېرۇ ئىندىئانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى چوقۇندۇرغاندا قويغان ئىسمى جوسې گابرىئېل كوندوركانكى. تۇپاك ئامارو Ⅰ نىڭ ئەۋلادى. كۇسكودىكى سېن بىرنادو ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. پېرۇنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تىنتا رايونىنىڭ قەبىلە باشلىقى بولغان. 1780-يىلى 11-ئايدا كۇسكو ئەتراپىدا ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىندىئانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، پۇل ۋە قوراللارنى تارتىۋېلىپ، ئىنكا ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى تۇپاك ئامارۇ Ⅱ دەپ ئاتاپ، ئىنكا پادىشاھى بولغان. بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ھاشارنى بىكار قىلغان ۋە ئىسپانىيە ئەمەلدارلىرىنى جازالىغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تېزلىكتە كېڭىيىپ 60000 كىشىگە يەتكەن، ھازىرقى پېرۇ، بولىۋېىيە ۋە ئارگېنتىنانىڭ شىمالىي قىسمىغىچە تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىن مۇستەملىكىچى ئارمىيە ھەدەپ قورشاپ ھۇجۇم قىلغان، 1781-يىلى 4-ئايدا ئۇنىڭ قوشۇنى تارمار قىلىنغان، 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.