Chinese→Uyghur主要词典
托马斯.莫尔
دۇنيا تارىخى
توماس مور
(1477 - 1535) ئەنگىلىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى. لوندوندىكى بىر قانۇنشۇناس ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. تەخمىنەن 1490 - يىلى كېنتېربېرى ئېپىسكوپى جون مورتوننى ئۇستاز تۇتقان. 1492 - 1494 - يىللىرى ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان. 1499 - يىلى لوندوندا مەشھۇر ئىنسانپەرۋەر ئېراسموس بىلەن ئۇچرىشىپ، يېقىن دوستلۇق ئورناتقان. 1504 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى ئەنگىلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅶ نىڭ مالىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرغانلىقتىن پارلامېنتتىن ئايرىلىشقا مەجبور بولغان. ئەنگىلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅷ تەختكە چىققاندىن كېيىن 1510 - 1518 - يىللىرى لوندون شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان. 1515 - 1516 - يىللىرى نېدىرلاندىيەۋە كالىغا ئەلچى بولۇپ بېرىپ، سودا ماجىراسىنى كېلىشتۈرگەن. 1521 - يىلى مۇئاۋىن مالىيە ۋەزىرى بولغان، شۇ يىلى رىتسارلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1523 - 1529 - يىللىرى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1529 - يىلى چوڭ سودىيە بولغان. كېيىن ئەنگىلىيە دىن ئىسلاھاتىغا قارشى تۇرۇپ، ھېنرى Ⅷ نىڭ ئانگىلىكان چېركاۋىنىڭ باشلىقى بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتقانلىقتىن، ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلدى دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. <ئۇتوپىيە> ناملىق ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ، ئۇ ياۋرۇپادا تۇنجى خىيالىي سوتسىيالىزملىق مەشھۇر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەر، ئوبيېكتىپ جەھەتتە، پرولېتارىيات پېشىۋالىرىنىڭ غايىۋى جەمئىيەتكە بولغان تەلپۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئىلمىي سوتسىيالىزم تەلىماتىنىڭ يارىتىلىشى ئۈچۈن ئىدىيىۋى تەييارلىقلارنى ھازىرلاپ بەرگەن. <ئۇتوپىيە> گە قارالسۇن.