Chinese→Uyghur主要词典
拖拉曼那
تارىخ
tuō lā màn nà
تورامانا
دۇنيا تارىخى
تورامانا
(؟ - 502) تورامان دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئېفتالىتلار (ئابداللار) نىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانى. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېفتالىتلار ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى قەندىھار رايونىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ شۇ رايوننى باشقۇرۇدىغان تېكىن (يەنى باش ۋالىي) قىلىپ تەيىنلەنگەن. كېيىن ھەدەپ قوراللىق كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، ھىندى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى توخرىلارنىڭ بەگلىرىنى يوقاتقان. تېخىمۇ ئىلگىرلەپ گۇپتا خاندانلىقىنىڭ غەربىي قىسىمدىكى كەڭ زېمىنلارنى بويسۇندۇرۋالغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۆپچۆرىسىدە ھىندىستاننىڭ مالۋا رايونىغا بېسىپ كىرىپ، ھىندىستاننىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمنىڭ ئەلىي ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان.