Uyghur主要词典
تۇمشۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
قۇشلارنىڭ ئاغزىغا تۇتاشقان، دان چوقۇپ يەيدىغان، ئۇزۇنچاق، مۈڭگۈزسىمان ئەزاسى؛ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئېڭەك ۋە جاغلىرى ئەتراپى؛ تاغ، كېمە، ئاياغ كىيىملىرىنىڭ ئۇچى، بېشى.
ئۆردەكنىڭ تۇمشۇقى.* تاغنىڭ تۇمشۇقى.* ئاياغنىڭ تۇمشۇقى.* جان تۇمشۇققا كەلگەندە سۈرە ياسىننىڭ نېمە پايدىسى ( ماقال ).* تۆمۈر تۇمشۇق تۇمشۇقى بىلەن ياشار ( ماقال ).* نادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنەر ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
جۇغراپىيە ئاتالغۇسى. قۇرۇقلۇقنىڭ دېڭىزغا ئۈسۈپ كىرگەن يېرى.
ئۈمىد تۇمشۇقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاماق يولىنىڭ يۇقىرى قىسمى.
ئات ئايىغىدىن، ئەر گېلىدىن كېتىدۇ. بوغۇزىڭدىن بوغۇزلايمەن، - دەپتۇ ئۇنىڭغا رەقىبى، تاماق بېرىپ تامىقىدىن ئاپتۇ. كېكىردىكىڭنى كەرمە. ئاچ بۆرە ھەلقۇمدىن ئالار. جان تۇمشۇققا (ھەلقۇمغا) كەلگەندە سۈرە ياسىننىڭ نېمە كېرىكى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تۇمشۇق.
قۇش تۇمشۇقى.
1 - 613
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قۇشلارنىڭ ئېغىزىغا تۇتاش ئاستىن - ئۈستۈن بىر جۈپ باغ ئورنىدىكى سوزۇنچاق، مۈڭگۈزسىمان ئەزا. قۇشلار ئۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇقنى چوقۇپ يەيدۇ، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىدۇ ۋە چۈجىلىرىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ.
ئۆردەكنىڭ تۇمشۇقى.
ھايۋانلارنىڭ بېشىنىڭ بۇرۇن ئەتراپى.
ئېشەكنىڭ تۇمشۇقى. ئاتنىڭ تۇمشۇقى.
لەۋ ۋە بۇرۇن ئەتراپى (ئادەملەر ھەققىدە).
تۇمشۇقىنى ئۇچلىماق. تۇمشۇقىنى سوزماق.
جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە (ماقال).
كۆچمە. بىرەر نەرسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرغان قىسمى، بۇرنى.
تاغنىڭ تۇمشۇقى.
ئالماس ئۇزۇن خادىنى سۇ ئاستىغا قاتتىق بېسىپ، كېمە تۇمشۇقىنى دەرياغا بۇرىدى.
ئاقسۇنىڭ كونىشەھەر ناھىيىسىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.