Uyghur主要词典
تۇججار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرلىكى: تاجىر. سودىگەرلەر، تىجارەتچىلەر:
مەتائۇ جەۋاھىر ئالىپ ئاقىلە،
كى تۇججارلاردەك قىلىپ ئامىلە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سودىگەرلەر (بىرلىكى <تاجىر>).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر خىل سودا - سېتىق بىلەن شوغۇللانغۇچى.
«بازارچى» يېزا بازارلىرىدا سودىگەرلىك قىلغۇچىغا ئېيتىلىدۇ.
«دۇكاندار» مەخسۇس دۇكان ئېچىپ سودا قىلغۇچىغا ئېيتىلىدۇ.
«سېتىقچى» دەسمايىسى ئاز، ئۇششاق «سودىگەر».
سودىگەرنىڭ يولى بىر، رىزقى باشقا. ئۆچكە تالغا توماس، تۇججار مالغا. تىجارەتچى مېلى بىلەن ئەمەس، تىلى بىلەن تىجارەت قىلىدۇ. بازارچى بازار ئالىدۇ، مال ساتىدۇ. پۇلى يوق تاللاشقا ئۇستا، سېتىقچى ماختاشقا. قاسساپ مالنى پىچاق بىلەن سويىدۇ، ئېلىپساتار ئادەمنى پىچاقسىز سويىدۇ.