Uyghur主要词典
تۇيۇق مازار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مازار شىنجاڭنىڭ پىچان ناھىيىسىدىكى تۇيۇق يېزىسىدا بولۇپ، XVII ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى سېلىنغان. مازار تاغ باغرىدىكى غارغا سېلىنغان، غار ئاغزىغا يۇمۇلاق گۈمبەز ياسالغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ ئىسلام دىنى گۈللىنىشتىن ئىلگىرى مەككىنىڭ غەربىدىن بۇ يەرگە ئاللانىڭ ئىرادىسىنى ئىزدەپ كەلگەن بەش ئادەم بىلەن يەرلىك بىر پادىچى ۋە ئۇنىڭ ئىتىنىڭ قەبرىسى ئىكەن. بۇ ئالتە كىشى ئىتنى ئېلىپ مۇشۇ غارغا كىرىپ ئىستىقامەت قىپتۇ. غاردا 300 يىل ئۇخلىغاندىن كېيىن بىر قېتىم سىرتقا چىقىپ، يەنە غارغا كىرىپ كېتىپتۇ. كېيىنكىلەر ئۇلارنى « يەتتە ئەۋلىيا » دەپ ئاتىغان. ئادەتتە بۇ « قۇرئان كەرىم » دە تىلغا ئېلىنغان غاردىكى ئادەملەر قىسسىسىنىڭ قوشۇمچىسىدۇر.